«تىتانىك» نى ساياھەت قىلدۇرىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتى يوقاپ كەتتى

«مۇز تېغى» غا سوقۇلۇش سەۋەبىدىن چۆكۈپ كەتكەن ۋە 1514 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ھەشەمەتلىك ساياھەت پاراخوتى «تىتانىك» نىڭ قالدۇقلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ساياھەت مەقسىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان بىر سۇ ئاستى پاراخوتى ئاتلانتىك ئوكياندا يوقاپ كەتتى.

2001830
«تىتانىك» نى ساياھەت قىلدۇرىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتلانتىك ئوكياندا چۆكۈپ كەتكەن تارىخىي «تىتانىك» پاراخوتىنىڭ قالدۇقلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان بىر سۇ ئاستى پاراخوتى يوقاپ كەتتى.

ب ب س (BBC) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بوستون دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ خادىملىرى يوقاپ كەتكەن سۇ ئاستى پاراخوتىنى تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان.

ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ تۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۇ ئاستى پاراخوتىدا بەش كىشىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

6.4 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ، پاراخوت سۇ ئاستىغا شۇڭغۇپ 1 سائەت 45 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئەڭ ئاخىرقى سىگنالنىڭ يەكشەنبە كۈنى (18-ئىيۇن) ئەتىگەندە تاپشۇرۇۋېلىنغانلىقى، شۇڭا سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىگە 24 سائەتتىن ئارتۇق بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئىزدەش ھاۋا ۋە دېڭىزدىن داۋاملاشماقتا.

ئاۋىياتسىيە كەسپىدە خىزمەت قىلىدىغان ئەنگلىيە ھەرىكەت ئاۋىياتسىيەسى (Action Aviation) نىڭ خوجايىنى مىلياردېر خامىش خاردىڭ (Hamish Harding) نىڭ يوقاپ كەتكەن سۇ ئاستى پاراخوتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

خاردىڭنىڭ ئۆگەي ئوغلى بىرايىن سزاز (Brian Szasz) فەيسبۇكتا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، دادىسىنىڭ تىتانىكنى كۆرسىتىدىغان پاراخوتتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە كۆپچىلىكتىن دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ ئۇزاق ئۆتمەي فەيسبۇكتىكى ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈۋەتتى ۋە بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ:  «ئاپام شەخسىي مەخپىيەتلىك سەۋەبىدىن يازمىلىرىمنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. قوللىغانلىقىڭلارغا رەھمەت» دېدى.

«ھەرگىز چۆكۈپ كەتمەيدۇ» دەپ قارالغان ھەشەمەتلىك ساياھەت پاراخوتى تىتانىك 1912-يىلى 10-ئاپرېل 2224 يولۇچى ۋە پاراخوت خادىملىرى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبى ئامپتون شەھىرىدىن نىيۇ يوركقا قاراپ يولغا چىققان ۋە 15-ئاپرېل شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا مۇز تېغىغا سوقۇلۇپ  چۆكۈپ كەتكەن ئىدى.

ۋەقەدە 1500 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، پەقەت 710 كىشىلا ھايات قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر