20 - نۆۋەتلىك ئاستانە سۆھبەتلىرى يىغىنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قازاقىستاندا چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق سۈرىيەگە ئالاقىدار «ئاستانە سۆھبەتلىرى»نىڭ كاپالەتچىسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى 20-، 21- ئىيۇن كۈنلىرى قازاقىستان پايتەختى ئاستانەدە يىغىن چاقىرىدۇ.

2000899
20 - نۆۋەتلىك ئاستانە سۆھبەتلىرى يىغىنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قازاقىستاندا چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 20- قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئاستانە سۆھبەت يىغىنىغا تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

20-، 21- ئىيۇن كۈنلىرى قازاقىستان پايتەختى ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەت يىغىنىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراق كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە قاتنىشىدۇ.

يىغىندا، ھەرقايسى تەرەپلەر سۈرىيەنىڭ ئەتراپىدىكى رايون ۋەزىيىتى ۋە بۇ ئەمەلىي مەيداندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

يىغىندا، سۈرىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش قاتارلىق ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى، شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى، دۆلەتنى قايتا قۇرۇش ۋە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتىشىغا ئۇيغۇن شارائىت ھازىرلاش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئايرىم ئولتۇرۇپ، سۈرىيە- تۈركىيە مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ «يول خەرىتىسى» ئۈستىدە تۆت تەرەپ كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

ئىككىنچى كۈنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ۋە ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتلىرىدىن كېيىن، ئاساسىي يىغىن ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

سۆھبەتلەر جەريانىدا، كېپىل دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى ۋە خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلار ھەققىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلىدۇ.

سۈرىيە توغرىسىدىكى ئاستانە سۆھبەتلىرىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىقى 2022- يىلى 11- ئاينىڭ 22-، 23- كۈنلىرى چاقىرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر