ياۋروپولنىڭ 2023-يىللىق تېررورىزم دوكلاتىدا پ ك ك نىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرىگە كەڭ ئورۇن بېرىلدى

ياۋروپا ساقچى تەشكىلاتى — ياۋروپول، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ ياۋروپادا تەشۋىقات ئىشلىرىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن پۇل توپلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1999977
ياۋروپولنىڭ 2023-يىللىق تېررورىزم دوكلاتىدا پ ك ك نىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرىگە كەڭ ئورۇن بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپولنىڭ ھەر يىلى قەرەللىك ئېلان قىلىنىدىغان «2023 - يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاقى تېررورلۇق ۋەزىيىتى ۋە يۈزلىنىش» ناملىق دوكلاتىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ ياۋروپادا ئىنتايىن ئاكتىپ ئىكەنلىكى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى، ئەزا توپلاش ۋە تەشۋىقات جەھەتتىكى مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن بازا سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ياۋروپادىكى ئاشقۇن سولچىل ئىدىيەدىكى كىشىلەرنىڭ توقۇنۇش رايونلىرىدا پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قېتىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى سەپلىرىدە ئۇرۇش قىلىپ قايتىپ كەلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى تەكىتلەندى.

پ ك ك نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئاشقۇن سولچىل تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتسىز گۇرۇپپىلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقى بايان قىلىنغان دوكلاتتا، بۇ مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدە، سۈرىيەنىڭ ي پ گ ئۇنسۇرلىرى تۇرۇۋاتقان رايونلىرىدا ئاشقۇن سولچىلار بىلەن ھۆكۈمەتسىز گۇرۇپپىلارنىڭ قورال ئىشلىتىش مەشىقلىرىدىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ي پ گ نىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى دەپ قارىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن توپلىغان مەبلەغنى سۈرىيەدىكى ي پ گ ئۇنسۇرلىرىنى قوللاشقا ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

پ ك ك نىڭ «سەپەرۋەرلىك» دېگەن نام ئاستىدىكى پۇل توپلاش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدە زور مىقداردا مەبلەغكە ئېرىشكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدە زەھەرلىك چېكىملىك ​​سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرى ئارقىلىق كىرىم ياراتقانلىقى تەكىتلەندى.

دوكلاتتا، پ ك ك نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجالاننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە پ ك ك نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن لوبىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

2022- يىلى تېررورلۇقنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان دوكلاتتا يەنە، ئۆتكەن يىلى 93 نەپىرى فىرانسىيەدە، 46 نەپىرى ئىسپانىيەدە، 30 نەپىرى گېرمانىيەدە ۋە 22 نەپىرى بېلگىيەدە بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە جەمئىي 380 كىشىنىڭ تېررورلۇق گۇمانى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئىنتېرنېتتىن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشۋىقاتى ۋە ئاجىز كىشىلەرنى ئۆز سېپىگە جەلپ قىلىش ئۈچۈن پايدىلانغانلىقىي ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر