شىمالىي كورېيە ياپونىيە دېڭىز يۆنىلىشىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

شىمالىي كورېيەنىڭ ياپونىيە دېڭىزى (شەرقىي دېڭىز) يۆنىلىشىدە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2000303
شىمالىي كورېيە ياپونىيە دېڭىز يۆنىلىشىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ شۇ يەر ۋاقتى سائەت 19:30 دا ياپونىيە دېڭىزى تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى دەلىللىدى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سىناققا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ توپلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتىدا، قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشكەنلىكى، رايوندىكى ھاۋا ۋە دېڭىز ئېلېمېنتلىرىغا زىيان يەتكۈزۈپ - يەتكۈزمىگەنلىكىنىڭ ئېنىقلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر