ئامېرىكا شىۋېتسىيەنىڭ تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېر شىۋېتسىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى (2022) شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

1999588
ئامېرىكا  شىۋېتسىيەنىڭ تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئاقساراي ژان پيېر كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ژان پيېر شىۋېتسىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان بىر مەھبۇسنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارارى ئەسلىتىلگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «شۇنداق قىلىپ شىۋېتسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، فىنلاندىيە ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ماقۇللانغان ئۈچ تەرەپ چۈشىنىش ئەسلەتمىسىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولدى» دېدى.

ژان پيېر شىۋېتسىيەنىڭ يېڭى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قانۇنى» نىڭمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «شىۋېتسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئورتاقلىشىدىغان، ئىتتىپاقنى كۈچەيتىپ، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشىدىغان كۈچلۈك، ئىقتىدارلىق مۇداپىئە شېرىكىمىزدۇر» دېدى.

ئاقساراي باياناتچىسى بۇ ۋەجىدىن «شىۋېتسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى كېرەك» دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ھەمدە بۇ جەھەتتە «ئۈمىدۋار بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى» تىلغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر