نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ نىگېر ئۆلكىسىدە قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىدا 25 ئادەم قازا قىلدى، نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىندى.

1998520
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىملىكى تېخى ئېنىقلانمىغان قوراللىق ئۇنسۇرلار نىگېرىيەنىڭ نىگېر ئۆلكىسىنىڭ 5 يېزىسىغا ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇملاردا 25 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغان.

نىگېر ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ۋاسىيۇ ئابىئودۇن، ۋەقەدىن كېيىن، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن ساقچىلارنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، گەرچە نىگېرىيەدە تۇتقۇن قىلىش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغۇچىلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمما تۆلەم ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرى ناھايىتى كۆپ يۈز بېرىدىكەن.

نىگېرىيەدە كۈنسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، قوراللىق كىشىلەرگە تۆلەم تۆلەش مەنئى قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر