پۇتىن: بېلارۇسىيەگە يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلايمىز

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى بېلارۇسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ 7- 8- ئىيۇلدىن كېيىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1997849
پۇتىن: بېلارۇسىيەگە يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندر لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى؛ پۇتىن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇتىن ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى تەرەققىياتنىڭ مۇقىم، ھەتتا ياخشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدە ياخشى ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن پۇتىن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بېلارۇسىيەگە ئەۋەتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا: «بىز بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەردە ھەممە ئىش پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلماقتا. 7-، 8- ئىيۇل كۈنلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەييارلىقلىرى تاماملىنىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك قورال تۈرلىرىنى بېلارۇسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى دەرھال باشلايمىز. باشقىچە ئېيتقاندا، ھەممە ئىش پىلان بويىچە، ھەممە ئىش مۇقىم (ئىلگىرىلەۋاتىدۇ» دېدى.

پۇتىن مارت ئېيىدىكى باياناتىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونڭ باشقا دۆلەتلەرگە تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭمۇ مەزكۇر قورالنى بېلارۇسىيەگە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئۇ يەنە، موسكۋانىڭ «ئالېكساندىر» ناملىق يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى بېلارۇسىيەگە تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ سىستېمىغا تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنىڭ سەپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى لۇكاشېنكومۇ بايانات بېرىپ، دۆلىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان يادرو قوراللىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئورۇنلارنىڭ  تەييارلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر