نىيۇ يورك ئاسمىنىدىكى ئىس-تۈتەك كىلىمات كىرىزىسىنىڭ سىمۋولى

كانادادىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن پەيدا بولغان ئىس-تۈتەكلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك ۋە باشقا شەھەرلىرىگىچە تارقىلىشى، كىلىمات كىرىزىسىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1997515
نىيۇ يورك ئاسمىنىدىكى ئىس-تۈتەك كىلىمات كىرىزىسىنىڭ سىمۋولى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كانادادىكى ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان كىلىمات كىرىزىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى توغرىسىدا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ ئادەتتە كىشىلەرنىڭ پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ كانادادىكى ئوت ئاپىتىنىڭ كىلىمات مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئالىملارنىڭ تېمپېراتۇرانىڭ ئۆرلىشى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «نىيۇ يورك ئاسمىنىنى ئىس-تۈتەك  قاپلىشى ۋە دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ناچار ھاۋا رايى، كىلىمات كىرىزىسىنىڭ سىمۋولى» دېدى.

ئۇ ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇ ئىشلىتىشنى ئازايتىشنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دۇنيانىڭ پايتەختى بولغان نىيۇ يوركتا بۇنداق ئەھۋالغا شاھىت بولۇشنىڭ، كىشىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشىكە سەۋەب بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ب د ت باش كاتىپى گۇرېررېس تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەرلەپ: «نىيۇ يوركتىكى مەركىزىمىزدە كانادادىكى ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ناچار ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلىۋاتىمىز. يەر شارى ئىسسىپ كېتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئورمان ئوت ئاپىتىنى ئازايتىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا بىز چوقۇم تەبىئەت بىلەن يارىشىشىمىز كېرەك ، ۋاز كېچەلمەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر