ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئامېرىكادا زىيارەتتە بولدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى كېۋىن ماككارتى بىلەن كۆرۈشتى.

1997030
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئامېرىكادا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك ۋاشىنگىتون زىيارىتى دائىرىسىدە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى كېۋىن ماككارتى ۋە پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ماككارتى كۆرۈشۈش ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنىڭ «دۇنيانى تېخىمۇ بىخەتەر جايغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

 ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك بولسا، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇچرىشىشتا ئىقتىسادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش توغرىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

سۇناك ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى زىيارىتى دائىرىسىدە يەنە، دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پالاتا رەھبەرلىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر