كاخوۋكا توسمىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 14 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي سۇ ئاستىدا قالدى

ئۇكرائىنادىكى كاخوۋكا توسمىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە، بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 14 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي سۇ ئاستىدا قالدى.

1997128
كاخوۋكا توسمىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 14 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي سۇ ئاستىدا قالدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ خېرسون رايونىدا رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى كاخوۋكا توسمىسى سەيشەنبە كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، تارقاقلاشتۇرۇش ۋە زىياننى ئېنىقلاش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى 600 كىۋادرات كىلومېتىر (چوڭلۇقى 84 مىڭ پۇتبول مەيدانىغا تەڭ كېلىدىغان) رايوننىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رايوندىكى رۇسىيە تەرەپدارى ھۆكۈمەت توسمىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە، بەش كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنا رايوندىكى ئاھالىلەرنى مىنا خەۋپىگە قارشى ئاگاھلاندۇردى.

ئاگاھلاندۇرۇشتا، سۇ باسقان رايوندىكى مىنالارنىڭ سۇ يۈزىگە ئۆرلىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سۇ باسقاندىن كېيىن، رايوندا پارتلىغان مىنالارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەندى.

رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ھەر ئىككىسى رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى خېرسوندا ئۆيىدە قاپسېلىپ قالغان بىر ئائىلىگە ئۇچقۇ بىلەن سۇ يەتكۈزۈپ بەرگەن دەقىقىلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھرلىدى.

سۇ بېسىپ كېتىش نەتىجىسىدە مىڭلىغان ھايۋانلار ھالاك بولۇپ، كاخوۋكا توسمىسىدىكى بېلىقلار قىرغاققا چىقىپ قالدى.

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىنى كاخوۋكا توسمىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر