فىرانسىيەدە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

فىرانسىيەنىڭ ئاننېسي شەھىرىدە يۈز بەرگەن پىچاق ھۇجۇمىدا، سەككىز بالا بولۇپ جەمئىي توققۇز ئادەم يارىلاندى.

1997230
فىرانسىيەدە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاننېسي  شەھىرىدە بىر كىشى باغچىدىكى كىشىلەرگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا، سەككىز بالا بولۇپ جەمئىي توققۇز كىشى يارىلانغان. ساقچىلار گۇماندارنى تۇتقان.

ھۇجۇمدا يارىلانغان ئۈچ كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى «قورقۇنچاقلىق» دەپ ئاتىدى.

ئۇ ھۇجۇم توغرىسىدا: «خەلق ئەندىشە ئىچىدە» دېدى ۋە يارىدارلارنىڭ ئائىلىلىرىگە سەۋر تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر