بلىنكېن: ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا يول قويمايمىز

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1995794
بلىنكېن: ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا يول قويمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسرائىلىيە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ «2023- يىللىق سىياسەت» ناملىق باشلىقلار يىغىنىدىدىكى سۆزىدە، ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئارقىلىق كۈچەيتىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر بلىنكېن: «ئىسرائىلىيە- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ساداقىتى ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولۇپ، بۇ ساداقەتنى دەتالاش قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى.

ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەملەرنى بېرىۋاتقانلىقىنى،  ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ۋە تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىلىنكېن: «ئىسرائىلىيە كۈچلەنگەنسېرى ئامېرىكا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنىيلىقىدىن گۇمانلىنىش ئۇرۇنۇشلىرىغا شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىق مۇنبەرلەردىكى ئىسرائىلىيەنى يالغۇزلاشتۇرۇش ۋە زەربە ئوبيېكتى قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ نۇرغۇن خەتەرلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر بىلىنكېن: «ئەمما، ئىسرائىلىيە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىران ھاكىمىيىتىدۇر» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭمۇ ئىراننى قورال بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا يول قويمايمىز» دېدى.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا قارىتا دىپلوماتىيە، ئىقتىسادىي بېسىم يۈرگۈزۈش ۋە ئىرانغا تەھدىت سېلىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىلىنكېن: «ئەگەر ئىران دىپلوماتىيە يولىنى رەت قىلسا، پىرېزىدېنت بايدىن ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تاللاشلارنىڭ ئۈستەل ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى بىر قانچە قېتىم ئوچۇق -ئاشكارا تەكرارلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىسرائىلىيە - سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە پايدىلىق. بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا رول ئوينىشىمىز كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. بۇنىڭ ناھايىتى تېزلا ياكى ئاسانلا ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى بىلىمىز ۋە بۇ يۆنىلىشتە كۈچ سەرپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

بۇ ھەپتە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان جىددە ۋە رىياد زىيارىتى جەريانىدا بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن مىنىستىر ئانتونى بلىنكېن، رايون خاراكتېرلىك بىر گەۋدىلىشىش ۋە مۇقىملىقنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈچۈنمۇ، ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئەمما بىر گەۋدىلىشىش ۋە مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىلگىرىلەشنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ شېرىكلىرى بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان مۇناسىۋىتى پەلەستىن خەلقىنىڭ پاراۋانلىقى ۋە مەسىلىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەك» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە سۆھبەت ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر