مادۇرو: تۈركىيە گللىنىش يولىغا قەدەم تاشلىدى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە گۈللىنىش يولىغا قەەدم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

1995506
مادۇرو: تۈركىيە گللىنىش يولىغا قەدەم تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، 3-ئىيۇن كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى» ھەم تۈركىيەگە ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھىرلىدى.

مادۇرو جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا تارېتىلغان فوتو سۈرەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇرىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ مۇراسىم ئەسناسىدا ئۆزىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن كۆرۈنۈشلەرنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ۋېنېزۇئېلا بىلەن تۈركىيە خەلقلەرنىڭ پاراۋانلىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماقتا. جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىڭ يېڭى باسقۇچى دائىرىسىدە، قېرىندىشىم رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى گۈللىنىش يولىغا قەدەم تاشلىدى. دەرۋەقە، بۇ يول ساداقەت، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۈستىگە ياسالغاندۇر.»

مادۇرونىڭ ئۇچۇرى ئۇنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىگە كىرىشىدە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەر، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سايلام سەپەرۋەرلىكى يىغىلىشلىرىغا دائىر فوتو سۈرەتلەر  ۋە ئەردوغاننىڭ غەلىبە قىلىشىدىن كېيىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن تەنتەنىلىرى مەزمۇن قىلىنغان كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر