زېلېنىسكىي ئەلىيېۋ ۋە ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي ياۋروپا سىياسىي گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان مولداۋىيەدە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى.

1994531
زېلېنىسكىي ئەلىيېۋ ۋە ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنسكىينىڭ ئۇچرىشىشىپ، ئەزەربەيجان بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، رەھبەرلەر ئەزەربەيجان - ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۇچرىشىشتا، ئەلىيېۋنىڭ ئۇكرائىناغا يېڭى باش ئەلچى تەيىنلىگەنلىكىنى ۋە بۇ دىپلوماتنىڭ پات يېقىندا ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

زېلېنسكىي ئەزەربەيجاننىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە ئۇكرائىنالىق بالىلارنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان زىيارەتلىرى ئۈچۈن ئەلىيېۋگە رەھمەت ئېيتتى ۋە كىيېۋنىڭ بۇ خىزمەتلەردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

سۆھبەت جەريانىدا، ئەزەربەيجان بىلەن ئۇكرائىنانىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلار دائىرىسىدە بىر- بىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللىشىغا بولغان رازىمەنلىك تەكىتلەندى.

زېلېنسكىي فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەنمۇ كۆرۈشتى؛ ماكرون بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈپ، 5- ئاينىڭ 14- كۈنى پارىژدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن، فىرانسىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بىلەن ئۇكرائىنا خەلقىنى رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماكرون ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۇكرائىنا كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرىنى مەشىقلەندۈرۈشنى باشلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەييارلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر