ياۋروپا كوسوۋودىكى يەرلىك سايلامنىڭ قايتا ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى جىددىيچىلىك كۈچىيىپ كەتكەن كوسوۋودا يەرلىك سايلامنىڭ قايتا ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

1994326
ياۋروپا كوسوۋودىكى يەرلىك سايلامنىڭ قايتا ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ياۋروپا سىياسىي گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن مولداۋىيەدە كوسوۋو پىرېزىدېنتى ۋژوسا ئوسمانى ۋە سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىج بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى؛ ئارقىدىن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ھەمدە كوسوۋو ۋە سېربىيە رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشۈپ، كوسوۋونىڭ شىمالىدىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلدى.

بوررېل ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ كوسوۋونىڭ شىمالىدىكى «خەتەرلىك» ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كوسوۋودىن «يەرلىك سايلامنىڭ دەرھال قايتا ئۆتكۈزۈلۈشى، كوسوۋو سېربلىرىنىڭ سايلامغا ئاۋاز قوشۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قولايلىق يارىتىپ بەرگەن سۆھبەتلەر دائىرىسىدە سېربلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىرلەشمىسىنى قۇرۇش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى»دىن ئىبارەت ئۈچ مەسىلىدە قەدەم تاشلاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ قەدەملەرنىڭ تاشلانماسلىقى مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

23-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامدا كوسوۋونىڭ شىمالىدىكى سېربلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان زۋېچان، زۇبىن پوتوك ۋە لېپوساۋىچ قاتارلىق شەھەرلەردە غەلىبە قىلغان ئالبانىيە شەھەر باشلىقلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىشى 26- ماي كوسوۋا سېربلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلگەنىدى.

ئالبان شەھەر باشلىقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن رايونغا ئەۋەتىلگەن كوسوۋو ساقچىلىرى بىلەن كوسوۋو سېربلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، 29 – مايدا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرىنى قوغداۋاتقان كوسوۋو تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى بىلەن كوسوۋولۇق سېربلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپ، تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ 30 ئەسكىرى يارىلانغانىدى.

سېربىيە ھۆكۈمىتى كوسوۋو سېربلىرى تەرىپىدىن بايقۇت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، خەلقنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى %3 گە چۈشۈپ قالغان سايلامنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر