دانىيە باش مىنىستىرى ChatGPT تەرىپىدىن يېزىلغان تېكىستكە ئاساسەن نۇتۇق سۆزلىدى

دانىيە باش مىنىستىرى مېتتې فرېدېرىكسېن بىر قىسمى سۈنئىي ئىدراك پاراڭبوتى — ChatGPT تەرىپىدىن يېزىلغان تېكىستكە ئاساسەن نۇتۇق سۆزلىدى.

1994528
دانىيە باش مىنىستىرى  ChatGPT تەرىپىدىن يېزىلغان تېكىستكە ئاساسەن نۇتۇق سۆزلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فرېدېرىكسېننىڭ سۈنئىي ئىدراكنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەپلىرى ۋە خەۋپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتىدە پارلامېنتتا سۆزلىگەن نۇتۇقىنىڭ بىر قىسمى پاراڭبوت — ChatGPT تەرىپىدىن يېزىلدى.

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان كۈچلۈك غۇلغۇلا تېمىسى بولۇپ كېلىۋاتقان ChatGPT نىڭ ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان فرېدېرىكسېن، سۈنئىي ئىدراكنىڭ قىلالايدىغان ئىشلىرىنىڭ ھەم جەلپ قىلارلىق ھەم قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

فرېدېرىكسېن سۈنئىي ئىدراكنىڭ بىر قانچە سىكۇنت ئىچىدە نۇتۇق يازالايدىغانلىقىنى، ئۇنىۋېرسىتېت تاپشۇرۇقلىرى ياكى دوكلات تەييارلىيالايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «سۈنئىي ئىدراك كەلگۈسىنىڭ ئەمەس، بۈگۈننىڭ رېئاللىقى. سۈنئىي ئىدراك بىز تېخى چۈشىنىپ يېتەلمىگەن شەكىلدە جەمئىيىتىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر