گېرمانىيە: ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادا ئۇكرائىنانىڭ ناتو ئەزالىقىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدا ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1994135
گېرمانىيە: ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادا ئۇكرائىنانىڭ ناتو ئەزالىقىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايېربوك ئوسلودا چاقىرىلغان ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرەسمىي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدىكى باياناتى جەريانىدا، ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدىكى دەتالاشلار ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ھەر قايسى دۆلەتنىڭ قايسى ئىتتىپاققا ئەزا بولۇشنى ئۆزى قارار قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۇكرائىنا بىلەن ناتونىڭ ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «ناتو ھەر دائىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىشىكنى ئوچۇق قويۇش سىياسىتى ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېنىقكى، بىز ئۇرۇش جەريانىدا يېڭى ئەزالىق توغرىسىدا ئېغىز ئاچالمايمىز» دېدى.

مىنىستىر بايېربوك ئوسلودىكى يىغىننىڭ 11-، 12 – ئىيۇل كۈنلىرى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

بىر يىل ئىلگىرى ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنىدا فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ئىتتىپاققا كىرەلەيدىغانلىقىنىڭ ئېنىق بايان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بايېربوك، گېرمانىيەنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر