ناتو شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شىمالىي كورېيەنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش تەشەببۇسىنى ئەيىبلىدى.

1993472
ناتو شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنولوگىيەسى ئارقىلىق ھەربىي سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش تەشەببۇسىنى ئەيىبلىدى.

ستولتېنبېرگ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ تەشەببۇسىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ خىل تەشەببۇسلىرى رايوندا جىددىيچىلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رايون ۋە خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكىگە زور خەۋپ – خەتەرلەرنى شەكىللەندۈرمەكتە. شىمالىي كورېيەنڭ بۇ قىلمىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆپلىگەن قارارلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلغانلىقتۇر.»

«شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شىمالىي كورېيەنى بۇ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا، ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ تولۇق، دەلىللىگىلى بولىدىغان يادروسىزلاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن   قايتىدىن دىيالوگ ئورنىتىشقا چاقىرىدۇ. بىز بۇ رايوندىكى كورېيە جۇمھۇرىيىتى ۋە ياپونىيەدىكى يېقىن شېرىكلىرىمىز بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز.»

شىمالىي كورېيەنىڭ ئەتىگەن تەرەپلەردە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش تەشەببۇسى توشۇغۇچى راكېتا سىستېمىسىدا كۆرۈلگەن كاشىلا سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولغانىدى.

شۇنىڭ بىلەن، بۇ شىمالىي كورېيەنىڭ 2016-يىلدىن بۇيانقى 6-قېتىملىق مەغلۇبىيەتلىك سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش سىنىقى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر