كىيېۋغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇاتقان رۇسىيە، گراخامنى قولغا چۈشۈرۈلىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بىر ئادەم قازا قىلدى، تۆت ئادەم يارىلاندى.

1992772
كىيېۋغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇاتقان رۇسىيە، گراخامنى قولغا چۈشۈرۈلىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيېۋ يېقىنقى بىر كۈن ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىدى؛ ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە بىر ئادەم قازا قىلدى، تۆت ئادەم يارىلاندى.

ھۇجۇم بىلەن تەڭ ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن ئامما مېترو بېكەتلىرى ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا كىرىۋېلىشقا تىرىشتى. 20 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى تۈنۈگۈن (29-ماي) بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا 11 دانە ئىسكەندەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى، بومبىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھاۋادا ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

رۇسىيەنىڭ يەكشەنبە كۈنى كەچتىمۇ كىيېۋغا 54 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ 52 سىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغانىدى.

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋامۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى.

چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ بەزى بىنالارغا ئازراق زىيان يەتكۈزگەنلىكى، بىر كىشىنى يەڭگىل يارىلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا، ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى بازىلىرىنىڭ يىراق مۇساپىلىق سەزگۈر بومبىلار بىلەن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىمۇ پورت شەھىرى ئودېسساغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، بەش ئايروپىلاننىڭ كاردىن چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلىپ بايانات بەرگەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراخامنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى گراخام ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشكەندە، رۇسىيەنىڭ توقۇنۇشتىكى ھەربىي تالاپىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئەڭ ياخشى چىقىملىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر