گېرمانىيەدە ئۆتكەن يىلى 48 مىڭ 300 سۈرىيەلىك پۇقرالىققا قوبۇل قىلىندى

گېرمانىيەدە ئۆتكەن يىلى پۇقرالىققا قوبۇل قىلىنغانلار ئىچىدە سۈرىيەلىكلەر بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

1993146
گېرمانىيەدە ئۆتكەن يىلى 48 مىڭ 300 سۈرىيەلىك پۇقرالىققا قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېدېراتسىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (Destatis) ئاخبارات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ئىستاتىستىكىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

باياناتتا، 2022-يىلى پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن چەتئەللىكلەر سانىنىڭ 2021-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %28 ئاشقانلىقى، پۇقرالىققا قوبۇل قىلىنغان 168 مىڭ 545 كىشى ئارىسىدا سۈرىيەلىكلەر سانىنىڭ 48 مىڭ 300 بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا، پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر سانىنىڭ 37 مىڭ كىشى كۆپەيگەنلىكى، بۇنىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سان بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، گېرمانىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ %29 ىنىڭ سۈىيەلىكلىكلەردىن تەشكىل تاپقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا 6810 ئىراقلىق ۋە 5600 ئۇكرائىنالىقنىڭمۇ گېرمانىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر