نيۇ يوركتىكى «تۈرك ئۆيى» گە ھۇجۇم قىلغان جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىگە جايلاشقان «تۈرك ئۆيى» گە ھۇجۇم قىلغان جىنايەت گۇماندارى ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە تۇتۇلدى.

1991563
نيۇ يوركتىكى «تۈرك ئۆيى» گە ھۇجۇم قىلغان جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇ يورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «تۈرك ئۆيى» گە ھۇجۇم قىلغان جىنايەت گۇماندارى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10: 15 دە قولغا چۈشكەن.

29 ياشلىق رەجەپ ئاقبىيىق ئىقىسملىك زوراۋان «بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش، تېررورلۇق جىنايىتى ۋە جىنايەت ئۈچۈن قورال ساقلاش، تېررورلۇق ئارقىلىق تەھدىت سېلىش، زىيان ۋە تەھدىت سېلىش جىنايىتى سادىر قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.

مۆلچەرلىنىشىچە، 2 ساقچىنىڭ ھەمراھلىقىدا كىشەنلەنگەن ھالدا سوتقا ئېلىپ بېرىلغان بۇ جىنايەت گۇماندارى سوتقا تارتىلىدىكەن.

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋاكالەتخانىسى ۋە نيۇ يورك باش كونسۇلخانىسى جايلاشقان «تۈرك ئۆيى» بىناسى ئالدىنقى ھەپتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدى.

تۈركىيە دائىرىلىرى ئىز قولغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە جىنايەت گۇماندارىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىققانىدى.

 

ئۆتكەن يىلى تۈركىيەدىن چىقىپ كەتكەن بۇ جىنايەت گۇماندارىنىڭ «ئادەم ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇش، تەھدىت سېلىش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ​​ساقلاش» قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، «جىنايەتچىلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن رەجەپ ئاقبىق ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر