ئادەم مېڭىسىگە ئۆزەك ئورۇنلاشتۇرۇش رېئاللىققا ئايلىنىدۇ

ئامېرىكالىق كارخانىچى ماسكنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى نېئۇرالىنك شىركىتى ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىگە ئۆزەك ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى سىناق قىلىشنى باشلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1991393
ئادەم مېڭىسىگە ئۆزەك ئورۇنلاشتۇرۇش رېئاللىققا ئايلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، نېئۇرالىنك شىركىتى (Neuralink) تۋىتتېر بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، مېڭە ئۆزەك لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) نىڭ تەستىق بەرگەنلىكىنىڭ، «بىر كۈنى نۇرغۇن كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مۇھىم قەدەم» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا، نېئۇرالىنك شىركىتى خادىملىرىنىڭ ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى، سىناق باسقۇچىدىكى ئىلتىماسلار ئۈچۈن زۆرۈر مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

نېئۇرالىنك شىركىتى مەزكۇر لايىھە ئارقىلىق ئادەم مېڭىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان مىكرو ئۆزەكلەردىن پايدىلىنىپ پالەچ ۋە قارىغۇ قاتارلىق  نېرۋا كېلسەللىكلىرىنى داۋالاش، مېيىپلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قىلىنغان تەجرىبىلەردە، مايمۇن مېڭىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆزەكلەر مېڭىدىكى سىگناللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئانالىز قىلىپ، ئاپپاراتقا يەتكۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر