دانىيە بىلەن گوللاندىيە ناتونىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى تەربىيەلەش قىسمىغا باشچىلىق قىلىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن (Lloyd Austin) ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى «F-16» مەشىقى قىلدۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ياۋروپا بىرلەشمە قىسمىغا دانىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ باشچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1991201
دانىيە بىلەن گوللاندىيە ناتونىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى تەربىيەلەش قىسمىغا باشچىلىق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن مۇداپىئە ئۇچرىشىش گۇرۇپپىسى يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى مارك مىللېي (Mark Milley) بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بەزى ھەل قىلغۇچ قابىليەت جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ مۇھىم ئېھتىياجى قۇرۇقلۇقتا قۇرۇلىدىغان ھاۋا مۇداپىئە قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. ئۇچرىشىش گۇرۇپپىسى ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى مۇداپىئە قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىلىرىنى «F-16» ئايروپىلانى بويىچە تەربىيەلەش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كېيىنكى ھەپتىلەردە باشلىنىدىغان تەلىم-تەربىيەلەر ئۈچۈن قۇرۇلغان ياۋروپا بىرلەشمە قىسىمغا، گوللاندىيە بىلەن دانىيەنىڭ باشچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن زىچ ئالاقە قىلىپ، تەلىم-تەربىيە پىروگراممىلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«نورۋېگىيە، بېلگىيە، پورتۇگالىيە ۋە پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىشنى تەكلىپ قىلدى. بىز تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇ مۇھىم ئىشقا قېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئامېرىكا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى مارك مىللېي ھاۋا تەۋەلىكىنى كونترول قىلىشنىڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئۇكرائىنا يېقىنقى 1 يېرىم يىلدا ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغداشنىڭ ئەڭ تېز ۋە ئەڭ ئەرزان يولىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى قۇرۇش ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ بۇ سەۋەبتىن ئۇكرائىنانى ھەر خىل مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، بۈگۈنگىچە ئۇكرائىنانىڭ بېرىلگەن بارلىق قورال سىستېمىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقىنى، پات يېقىندا «F-16» ئايروپىلانلىرىدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر