ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 285 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئىلغار قوراللارنى  بېرىشنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇكرائىناغا 285 مىليون دوللار قىممىتىدىكى يەر يۈزىدىن ھاۋاغا  قۇيۇپ بېرىلىدىغان ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى (NASAMS) نى بېرىشنى تەستىقلىدى.

1990878
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 285 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئىلغار قوراللارنى  بېرىشنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەش بۇرجەكلىك بىنا) غا قاراشلىق دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىدارىسى (DSCA) نىڭ باياناتىدا، ئۇكرائىناغا 285 مىليون دوللار قىممىدىكى ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى (NASAMS) نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «LAN / MPQ-64FI Sentinel» رادارى، <GPS قوبۇللىغۇچ>، ئېتىش قوماندا مەركىزى سىستېمىسى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى ۋە باشقا ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، كونگرەگە سېتىشنى تەستىقلاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىلگەنلىكى، سېتىش نەتىجىسىدە ياۋروپانىڭ سىياسىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان بىر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە بۇ قارارنىڭ ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى شۇنداقلا دۆلەت بىخەتەرلىك نىشانىغىمۇ ماس كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا قارشى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئېھتىياجى بارلىقى تەكىتلىنىپ، ئۇكرائىنانىڭ بۇ ئىقتىدارغا ئېرىشىشى ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھالقىلىق ئۇل- ئەسلىھەلەرنى قوغداشقا پايدىلىق» ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر