لوندوندا بىر كونسېرت سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانسىز كىشىلەر تۇرۇشلۇق ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغان بولدى
ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى مېھمانخانا زەنجىرى «Travelodge» دە ئولتۇرۇشلۇق ئۆي-ماكانسىز كىشىلەر ئامېرىكالىق ناخشىچى بېئونسېنىڭ كونسېرتى سەۋەبىدىن زاكاس ۋاقتى ئۇزارتىلماي ياتاقلىرىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغان بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: «The Guardian» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، داڭلىق ناخشىچى بىيونسېنىڭ لوندوندىكى ساياھىتى جەريانىدا مېخمانخانا ياتاقلىرى باشقىلار تەرىپىدىن زاكاس قىلىنغان بولغاچقا، 30 غا يېقىن ئائىلەنىڭ ئېنفىلدتىكى «Travelodge» مېھمانخانىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
بېئونسې 29-مايدىن 4-ئىيۇنغىچە مېھمانخانىغا يېقىن توتتېنھام رېس مەيدانىدا بەش كېچە كونسېرت بېرىشنى پىلانلىماقتا.
مېھمانخانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ھېسابلىنىدىغان تەخمىنەن 100 ياتاق، ھازىر شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن زاكاس قىلىنىپ بولدى.
ئېنفىلد شەھەرلىك ھۆكۈمىتىگە ئۆي-ماكانسىز ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلغان كىشىلەر ئىشلىتىۋاتقان ھەر بىر ياتاقتا 5-4 كىشى ياشىماقتا ئىدى.
مېھمانخانىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلار، بۇ ئىشنىڭ كىشىنىڭ ئىشەنگىسى كەلمىگىدەك دەرىجىدە ۋەيران قىلغۇچ بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا.