دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خامچوتىنى كۆپەيتىشنى قارارلاشتۇردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ 2024-يىلدىن 2025-يىلغىچە بولغان خامچوتىنى% 20 كۆپەيتىشنى قارارلاشتۇردى.

1989726
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خامچوتىنى كۆپەيتىشنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مەجلىسى يىغىنىدا، تەشكىلاتنىڭ خامچوت مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئەزا دۆلەتلەر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2024-2025-يىللىق پىروگرامما خامچوتى لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ئەزالىق بەدىلىنى %20 ئۆستۈرگەن. بۇ پىروگراممىنىڭ خامچوت لايىھەسىنى 6 مىليارد 830 مىليون دوللار قىلىپ بېكىتكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش كاتىپى تېدروس ئادخانوم گېبرېيۇس بۇ قارارنى كۈچلۈك قوللىغانلىقى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتقان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئەزالىق ھەققىنى %20 ئۆستۈرۈش قارارى بۇلتۇرقى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىغىنىدا ماقۇللانغان بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىيەت، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات، باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا تەۋسىيەلىرى 76 – نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىغىنىدا تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 21 – ماي كۈنى باشلانغان، «ھاياتنى قۇتقۇزۇش» ۋە «ھەممەيلەننىڭ ساغلاملىقى» ئاساسلىق تېما قىلىنغان 76 – نۆۋەتلىك يىغىنى 30 – ماي (2023) كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر