7 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئۇكرائىنانى قەتئىي قوللاشقا ۋەدە بەردى

7 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئۇكرائىناغا بېرىلىۋاتقان ياردەم مەسىلىسىدە قىلچە ئىككىلىنىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقى توغرىلىق ۋەدە بەردى.

1988616
7 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئۇكرائىنانى قەتئىي قوللاشقا ۋەدە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە     چاقىرىلغان 2023 – يىللىق 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، رەھبەرلەر رۇسىيە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان مەخسۇس ئولتۇرۇشتىن كېيىن باياننامە ئېلان قىلدى.

باياننامەگە ئاساسلانغاندا، 7 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئۇكرائىناغا بېرىلىۋاتقان ياردەم مەسىلىسىدە قىلچە ئىككىلىنىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقى توغرىلىق ۋەدە بەرگەن. جۈملىدىن، ئۇكرائىنانىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا بىخەتەرلىك ياردىمىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىلىق ۋەدە بەرگەن. شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىمكارلارغا ئېرىشىشىگە قارىتا «تېخىمۇ كۆپ چەكلىمىلەر» نىڭ قويۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

باياننامەدە مۇنداق دېيىلگەن: «ھەرىكىتىمىزنى كېڭەيتىپ، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدا ھالقىلىق رول ئويناۋاتقان بارلىق ئېكسپورت بۇيۇملىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇرۇش مەيدانىدا ئىشلىتىلىۋاتقان بۇيۇملارنىڭ بارلىق باشقۇرۇش تەۋەلىكىمىزدە چەكلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.»

رەھبەرلەر ئۈچىنچى تەرەپلەرنى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ماددىي ياردەم بېرىشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان، ئەكسىچە بولغان تەقدىردە ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقلىرى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرغان.

رەھبەرلەر ئۇكرائىنانى قايتا قۇرۇپ چىقىش توغرىلىق مۇنداق  دېگەن: «رۇسىيە ئۇرۇشتا كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى چوقۇم تۆلىشى كېرەك. بىز رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامەسىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىشىنى ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز.»

باياننامەدە ئۇكرائىنادىكى «ئۇرۇش جىنايەتلىرى» نى تەكشۈرۈش ۋە «ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى» جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

بۇ ئارىلىقتا، ئىلگىرى سىن ئارقىلىق قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا بىۋاسىتە قاتنىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرلغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ زېلېنسكىينىڭ رۇسىيەنىڭ 2022 – يىلى فېۋرال ئېيىدا باشلانغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىنكى ئاسىيا رايونىغا قىلىدىغان تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر