زېلېنىسكىينىڭ يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا بىۋاسىتە قاتنىشىشى مۇمكىن ئىكەن

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ ياپونىيەدە داۋاملىشىۋاتقان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا بىۋاسىتە قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

1988464
زېلېنىسكىينىڭ يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا بىۋاسىتە قاتنىشىشى مۇمكىن ئىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — كيودونىڭ ياپونىيە ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان بىر خەۋىرىدە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە قاتنىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان زېلېنسكىينىڭ خىروشىماغا بېرىپ بىۋاسىتە قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باشلىقلار يىغىنىنىڭ پىروگرامما جەدۋىلىگە ئاساسەن، رەھبەرلەرنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن ئېچىش كۈتۈلمەكتە.

ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردە، بۇ زېلېنسكىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى باشلانغان 2022 - يىلى 2 - ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئاسىيا زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

زېلېنسكىنىڭ رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان نۆۋەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، كانادا ۋە ئىتالىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ياپونىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا باشلانغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى 21 - ماي ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر