ئۇكرائىنادىن پولشاغا كىرگەن پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن 12 مىليونغا يەتتى
ئۇكرائىنادىن پولشاغا كىرگەن پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى 16- مايغىچە تەخمىنەن 12 مىليونغا يەتتى، پولشادىن چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ سانىمۇ 10 مىليوندىن ئاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا چېگرا قوغداش قىسىملىرىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان (2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى) كۆچۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
ئۇكرائىنادىن پولشاغا تۈنۈگۈن (16ماي) 22 مىڭ كىشىنىڭ كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا: «ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئۇكرائىنادىن پولشاغا بارغانلارنىڭ سانى 11 مىليون 911 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى» دېيىلدى.
پولشادىن ئايرىلغان ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ بولسا 10 مىليون 119 مىڭ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
ئۇكرائىنادىن پولشاغا بارغانلارنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
ھازىر پولشادا تىزىمغا ئېلىنغان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇكرائىنالىق بار.
80% ئۇكرائىنالىقلار پولشا خەلقىنىڭ ئۇلارغا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما، پولشالىقلارنىڭ پاناھلانغۇچىلارغا بولغان كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ. «ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچىلار ياردەمگە ئېھتىياجلىق» دەپ قارايدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى %84 تىن %50 كە تۆۋەنلىدى.
پولشادا تۇرۇشلۇق ئۇكرائىنالىقلارنىڭ %74 ى ئۆز دۆلىتىگە قايتىشنى پىلانلىماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكانىڭ بېيرۇت ئەلچىخاناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېيرۇتتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخاناسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.