دۇنيا تاراتقۇلىرى تۈركىيەدىكى سايلاملارنى يېقىندىن كۆزەتتى

دۇنيا تاراتقۇلىرى يەكشەنبە كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە 28- نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلاملىرىغا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.

1987040
دۇنيا تاراتقۇلىرى تۈركىيەدىكى سايلاملارنى يېقىندىن كۆزەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپانىڭ سايلامغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى مۇھىم خەۋەرلەر سۈپىتىدە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇنغان نۇرغۇن تاراتقۇلىرى سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلاش  نىسبىتىنىڭ %85 تىن ئېشىپ كەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، تۈرك سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت ساندۇقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەنگلىيەنىڭ «مۇھاپىزەت گېزىتى» بىرىنچى بېتىدىكى خەۋىرىدە، ئوقۇرمەنلىرىنى سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلاش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدىن ۋاقىپلاندۇرۇپ: «بېلەت تاشلاش نىسبىتى يۇقىرى بولغان تۈركىيە سايلاملىرىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ» دېدى. گېزىت 4- ۋە 5- بەتلىرىنىمۇ تۈركىيە سايلىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاجراتتى.

ئىندىپېندېنت گېزىتى، فىرانسىيەنىڭ فىرانس 24 خەۋەرلەر قانىلى، گېرمانىيەنىڭ بىلد ۋە ۋېلت گېزىتلىرى، ئاۋسترىيەنىڭ ORF رادىيوسى تۈركىيەدىكى سايلاملارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرىنى «تۈركىيە ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلام ئۆتكۈزىدۇ» دېگەن تېما ئاستىدا ئابۇنىتلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

بۇلغارىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى — BNT نىڭ خەۋىرىدە: «تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا (جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ) ئەردوغان بىلەن ئۇنىڭ رەقىبى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇ ئىككىنچى ئايلانما سايلامدا رىقابەتلىشىدۇ. ھەر ئىككىسى بىرىنچى باسقۇچلۇق جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن شەرت بولغان %50 بېلەتكە ئېرىشەلمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل مۇندو» ۋە «لا ۋانگۇاردىيا» گېزىتلىرى سايلامنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىغا قالغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولسا، «لا رازون» گېزىتى: «راي سىناشلارنىڭ كۆرسەتكىنىدەك، تۈركىيەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئاخىرىغىچە تەڭمۇتەڭ داۋاملاشتى. ئەردوغاننىڭ پارتىيەسى پارلامېنتتا غەلىبە قىلدى. سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى رېكورت ياراتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئىتالىيەنىڭ «ئانسا» ئاگېنتلىقىمۇ «تۈركىيە ئىككىنچى ئايلانما سايلام ئۆتكۈزىدۇ. ئەردوغان %50 نىڭ ئاستىدا» دېگەن چوڭ ماۋزۇدا تۈركىيەدىكى سايلاملارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى.

بېلگىيەنىڭ فىرانسۇزچە نەشر قىلىنىدىغان يۇقىرى تىراژلىق گېزىتى  « لې سوئىر» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە «تۈركىيەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئىككىنچى باسقۇچىغا قاراپ» دەپ ماۋزو قويدى.

گىرېتسىيەنىڭ  «تا نېئا» گېزىتى ئىككىنچى ئايلانما سايلامنىڭ نەتىجىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سايلام نەتىجىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىغا قالغانلىقىنى، سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلاش نىسبىتىنىڭ 90 پىرسەنت ئەتراپىدا بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئېستونىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ERR، تۈركىيەدىكى سايلام تۈزۈمى ھەققىدە ئوقۇرمەنلىرىگە ئۇچۇر بەردى.

پولشا خەۋەر ئاگېنتلىقى — PAP، سايلام نەتىجىسىنى، ھەمدە ئەردوغان بىلەن قىلىچدارئوغلۇنىڭ نۇتۇقلىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى گېزىتلىرى بىلەن خەۋەر قاناللىرىمۇ تۈركىيەدىكى سايلاملارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئاساسىي تېما قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ۋزگلايد» گېزىتى، رۇسىيەنىڭ بۇ سايلاملارنى ناھايىتى يېقىندىن كۆزەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ روسسىسكايا گېزىتى «ئەردوغان بېلەتلەر %100 سانىلىپ بولغاندىن كېيىن %49.35 ئاۋازغا ئېرىشتى» ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە، سايلامنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىغا قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان «ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى بىلەن 28- نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلىمى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە، سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلاش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى توغرىسدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«بۈگۈنكى باغداد» خەۋەرلەر تورىمۇ «سايلامنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىغا قېلىشىنىڭ تۈركىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئىش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پەلەستىن مەتبۇئاتلىرىمۇ سايلامنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىغا قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «خارېتز» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە: «ئەردوغان بىرىنچى ئايلانمىدا مۇتلەق كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈرەلمىگەچكە، تۈركىيە ئىككىنچى ئايلانما سايلام ئۆتكۈزىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر