ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقتا بىر پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى (ئىيوردان دەرياسىنىڭ) غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، بىر پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.

1986541
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقتا بىر پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ نابلۇس شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ئەسكەرلەر لاگېرىنى ئوققا تۇتۇپ، بىر پەلەستىن پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، يەنە بىرىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لاگېرغا بېسىپ كىرگەن ئەسنادا ئونلارچە پەلەستىنلىك ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە ھەقىقىي ئوقلارنى ئىشلىتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر