ماكرون بىلەن زېلېنسكىي پارىژدا كۆرۈشتى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي پايتەخت پارىژدا كۆرۈشتى.

1986534
ماكرون بىلەن زېلېنسكىي پارىژدا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئېلسىي سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ماكرون بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇرۇشنى ئەيىبلەپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدىن دەرھال ۋە شەرتسىز چېكىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، فىرانسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنى زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن چېكىنىشكە چاقىرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، فىرانسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقىگە، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.

پارىژ ھۆكۈمىتىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇكرائىناغا قاراتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ھەربىي جەھەتتىكى قوللىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«فىرانسىيە كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە نۇرغۇن باتالىيونلارنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئونلىغان برونىۋىك ۋە يېنىك تىپلىق تانكىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە <AMX 10-RC> تىپىدىكى يېنىك تانكىلىرى بار.»

باياناتتا، پارىژ ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى «ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئىقتىدارىنى قوللاش» قا مەركەزلەشتۈرگەنلىكى كۆرسىتىلدى.

ئىگىلىنىشچە، فىرانسىيە ئىلگىرى ئۇكرائىناغا «2DNA» تەجرىبىخانىسى ئەۋەتكەن ۋە ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق پىلانىنى قوللىغان.

باياناتتا، ئۇكرائىنا ۋە فىرانسىيەنىڭ رۇسىيەگە يېڭى جازالارنى يۈرگۈزۈش چاقىرىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئۇكرائىنا ۋە خەلقىنىڭ كەلگۈسىنىڭ ياۋروپا ئائىلىسىگە تەۋە ئىكەنلىكى، فرانسىيەنىڭ ناتو-ئۇكرائىنا كومىتېتىنى قوللايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر