زېلېنسكى خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي 2022-يىلى 24- فېۋرالدا باشلانغان ئۇرۇشتا، رۇسىيەگە قارشى ھۇجۇم  ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1986059
زېلېنسكى خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى
zelenskiy-papa.jpg
zelenskiy-meloni.jpg

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكى ئىتالىيەنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيەگە يېتىپ باردى.

زېلېنسكى ئىتالىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، ئىتالىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

زېلېنسكىي ئۇرۇشتا رۇسىيەگە قارشى ھۇجۇم ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇھىم قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقلىرىنى ۋە شۇنداق قىلىش ئىرادىلىرىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي ئەگەر ئۇكرائىنا ئارمىيەسى قىرىم چېگراسىغا يېتىپ بارغان تەقدىردە، رۇسىيەدە پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىنغا بولغان قوللاشىنىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

زېلېنسكىي خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتى ئۈستىدە توختىلىپ، شىنىڭ ئۆزىگە رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقلىرىنى ۋە رۇسىيەنى قوللىمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي ئىتالىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، پىرېزىدېنت سېرگىيو ماتتارېللا، باش مىنىستىر گىئورگىيا مېلونى ۋە پاپا فىرانچىس بىلەن كۆرۈشتى. ئاندىن گېرمانىيەگە يېتىپ باردى.

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىناغا 3 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇرۇش مەيدانىدا بولسا، شىددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

رۇسىيەنىڭ بىريانسك شەھىرىدە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە تىك ئۇچار ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باخمۇتتا ئىككى يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، شەھەر مەركىزىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر