زېلېنسكىي: قىسىملىرىمىز رۇسىيە ئارمىيەسىنى سۈر-توقاي قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى شەرقىي سەپتە كەينىگە چېكىندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1985780
زېلېنسكىي: قىسىملىرىمىز رۇسىيە ئارمىيەسىنى سۈر-توقاي قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، باش قوماندانلىق مەركىزىدىكى يىغىننى ئاخىرلاشتۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يىغىندا، ئۇكرائىنا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ۋە شەرقىي قىسىمنىڭ قوماندانى ئالېكساندىر سىرسكىينىڭ سۆز قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ دۈشمەننى توختاتقان، ھەتتا بەزى جايلاردا سۈر-توقاي قىلغان قىسىملىرىمىزنىڭ قوماندانى سىرسكىينىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدۇق» دېدى.

ئۇ، يىغىندا، تاۋرىيا، ئودېسسا ۋە شىمالىي رايونلارنىڭ مۇداپىئە قىسىملىرى قوماندانلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۇرۇش سەپلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ رايونلارنىڭ كونترول ئاستىدا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يىغىندا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم ئېھتىياجلىرىنى بەلگىلىگەنلىكلىرىنى كۆرسىتىپ: «بىز يېڭىدىن قۇرۇلغان بىرىگادالارنىڭ ئۈسكۈنىلەر ۋە ئوق-دورىلار بىلەن قوراللىنىشقا ئائىت مەلۇمات ئالدۇق. ئوق-دورا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىملەرنى كۆزدىن كەچۈردۇق »دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر