جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى قۇرىدۇ

جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئورتاقلىشىش سىستېمىسى ئۈچۈن بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەيدۇ.

1984706
جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى قۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا،  ئۈچ دۆلەت مەسئۇللىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بىر مەسلىھەت بېرىش گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا قوشۇلغان.

باياناتتا، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇكيېئولنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فومىيو بىلەن كۆرۈشكەندە، يېڭى سىستېمىنى قۇرۇشنىڭ كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئۈچ رەھبەرنىڭ «شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى» گە قارشى ئۇچۇر ئورتاقلىشىشقا قوشۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە، ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ «بىرلا ۋاقىتتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلىشىش» تېمىسىدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئاخىرقى كېلىشىمنىڭ كېلەر ئاي (2023-يىلى ئىيۇن) سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىخەتەرلىك مۇنبىرىدە ئىمزالىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ رايوندىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كورېيە ئارمىيەسى ۋە ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسمى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرلا ۋاقىتتا ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر