پۇتىن: «غەرب ناتسىستلارنى كىمنىڭ مەغلۇب قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن «غەرب ناتسىستلارنى كىمنىڭ مەغلۇب قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى» دېدى.

1984342
پۇتىن: «غەرب ناتسىستلارنى كىمنىڭ مەغلۇب قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋلاادىمىر پۇتىن پايتەخت موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا 9 – ماي زەپەر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ناتسىست گېرمانىيەسىنى مەغلۇب قىلغانلىقىنىڭ 78 - يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

پۇتىن غەرب سەرخىللىرىنىڭ نەپرەت ۋە «رۇسىيەدىن قورقۇش» ئۇرۇقىنى چېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تىنچ كەلگۈسىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

غەربتە سابىق سوۋېت ئەسكەرلىرىگە ئائىت يادىكارلىقلارنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ناتسىستلار مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن پۇتىن: «غەرب ناتسىستلارنى كىمنىڭ مەغلۇب قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى» دېدى.

پۇتىن 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى باشلىغان ئۇكرائىنادا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئارزۇسى سەۋەبىدىن دۆلەتكە قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغالغانلىقىنى ۋە ئۇكرائىنالىقلارنىڭ مەھبۇسقا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «دۇنيا رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرماقتا» دېدى ۋە غەلىبە چاقرىقى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر