سېربىيەدە يەنە بىر قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

سېربىيەدە توققۇز ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەكتەپ ھۇجۇمىدىن كېيىن، يەنە بىر ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

1982917
سېربىيەدە يەنە بىر قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيە پايتەختى بېلگرادقا يېقىن يەردىكى ملادېنۋاك بازىرىدا، 21 ياشلىق بىرىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىۋېتىپ ئەتراپىدىكىلەرنى ئوققا تۇتقانلىقى، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ھۇجۇمدا سەككىز ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 13 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمچى ۋەقەدىن كېيىن قېچىپ كەتكەن، نەق مەيدانغا كۆپ ساندا ساقچى ئەۋەتىلگەن.

سېربىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى گۇماندارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىمۇ ئىشقا سالغان ھالدا چارلاش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.

سېربىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى براتىسلاۋ گاسىچ ۋەقەگە «تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ باھا بەردى.

خۇسۇسىي قوراللىنىش كۆلەملەشكەن سېربىيەدە، 13 ياشلىق بىر بالا چارشەنبە كۈنى بىر مەكتەپكە بېسىپ كىرىپ، سەككىز ئوقۇغۇچى بىلەن ئامانلىق ساقلىغۇچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر