ئامېرىكا ئۇكرائىنانى چېگرا ھالقىپ ھۇجۇملارنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرمىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىنانى چېگرا ھالقىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئىلھاملاندۇرمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1982729
ئامېرىكا ئۇكرائىنانى چېگرا ھالقىپ ھۇجۇملارنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرمىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي (ئامېرىكا) باياناتچىسى كارىن ژان پيېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى جەريانىدا، ۋاشىنگتوننىڭ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ كرېمىلدىكى تۇرالغۇسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ خەۋەرلەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ژان پيېر ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا، بۇ ھەقتە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئۇكرائىنانى چېگراسىدىن ھالقىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئىلھاملاندۇرمىغانلىقىنى ۋە ئۇنداق قىلىشىغا يول قويمىغانلىقىنى ھەمدە ۋاشىنگتوننىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ قارشى تەرەپنى ئەيىبلەش ئۈچۈن يالغان بايراق مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغان بولۇش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇنداق سوئاللارنى سوراشنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى، ئەمما رۇسىيەنىڭ ئىلگىرى بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ كۆرۈلمىگەن ئىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى 300 مىليون دوللارلىق يېڭى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىر ئانتونى بلىنكېن يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى ئۆزىنى قوغداۋاتقان ئۇكرائىنالىق شېرىكلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. مەن پىرېزىدېنت (جو) بايدىن بەرگەن ھوقۇققا تايىنىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى 300 مىليون دوللارلىق قورال ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەش قارارىنى تەستىقلايمەن» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، 300 مىليون دوللارلىق قوراللارنىڭ ئىچىدە راكېتا سىستېمىسىنىڭ ئوق- دورىلىرى، كۆپ سىتىۋوللۇق زەمبىرەك سىستېمىسى ۋە ئوقلىرى بىلەن تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلار بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر