لوندون ئايرودۇرۇمىنىڭ خادىملىرى ئىش تاشلىدى

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى خېسروۋ (Heathrow) ئايرودۇرۇمى ئىش تاشلىدى.

1982756
لوندون ئايرودۇرۇمىنىڭ خادىملىرى ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوندون خېسروۋ ئايرودۇرۇمىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى بۈگۈن (4-ماي) دىن باشلاپ ئىش تاشلىدى. 6-مايغىچە تەخمىنەن 1400 ئامانلىق ساقلاش خادىمى ئىش تاشلايدۇ. ئايرودۇرۇم ئۇيۇشمىسى 9-10-ماي ۋە 27-25-ماي كۈنلىرىمۇ ئىش تاشلاشنى پىلان قىلدى.

يولۇچىلار يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كېچىكىشلەر توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى.

ئايرودۇرۇم مەسئۇللىرى يولۇچىلارغا ئايرودۇرۇمغا كېلىشتىن ئىلگىرى ئەھۋالنى  سۈرۈشتە قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

خېسروۋ ئايرودۇرۇمى يولۇچىلارنىڭ ئىش تاشلاشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن جىددىي ئەھۋال پىلانىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئايرودۇرۇم مەسئۇللىرى بىلەن ئۇيۇشما مەسئۇللىرىنىڭ سۆھبەتلىرىدە، مائاشنى %10 ئۆستۈرۈش ۋە بىر قېتىملىق 1150 ستېرلىڭ مۇكاپات بېرىش تەكلىپ قىلىندى.

بۇ ھەپتىدە ئەنگلىيە بىلەن گاللېردا ئوقۇتقۇچىلار ھۆكۈمەت بىلەن داۋاملاشقان مائاشنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىدە كېلىشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىش تاشلىغان ۋە مىڭلارچە ئوقۇتقۇچى ھۆكۈمەت بىناسىغا قاراپ پىيادە يۈرۈگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر