ئامېرىكادا خۇسۇسىي قوراللىنىشقا قارشى سەپەرۋەرلىك باشلاندى

ئامېرىكانىڭ نيۇيورك ئىشتاتىدا خۇسۇسىي قوراللىنىشقا قارشى كۈرەش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك باشلاندى.

1981746
ئامېرىكادا خۇسۇسىي قوراللىنىشقا قارشى سەپەرۋەرلىك باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قورالىنى تاپشۇرغان كىشىگە 500 دوللارلىق سوۋغات چېكى بېرىلدى. بىردىن ئارتۇق قورال تاپشۇرغۇچىغا 150 دوللارلىق سوۋغات چېكى قوشۇپ بېرىلمەكتە.

ئىستات مىقياسىدا قورال-ياراغلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن توققۇز يىغىۋېلىش نۇقتىسى قۇرۇلدى. سەپەرۋەرلىك باشلانغاندىن بۇيان 3000 دىن ئارتۇق كىشى قورال تاپشۇردى.

نيۇيورك باش مۇپەتتىشى لېتىتىيا جامىس باشچىلىقىدا داۋاملاشتۇرۇلغان سەپەرۋەرلىك دائىرىسىدە 3000 دىن ئارتۇق قورالنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، تاپشۇرۇپ بېرىلگەن قوراللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىشتات سىرتىدىن كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

نيۇيورك ساقچىلىرىنىڭمۇ ھەر بىر قورالغا 200 دوللار بېرىدىغان ئايرىم يېغىۋىلىش پوروگراممىسى بار.

ئامېرىكىدىكى قوراللىق زوراۋانلىق ئارخىپىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئامېرىكادا تەخمىنەن 6000 كىشى دۆلەتتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر