نۇرغۇن دۆلەتلەر سۇداندىكى پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا
ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم بېرىش قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن سۇداندىكى پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 نەچچە دۆلەت ئېفىيوپىيە ۋە مىسىر ئارقىلىق قۇرۇقلۇق يولى، سۇدان پورتى ئارقىلىق دېڭىز يولى ۋە پورت سۇدان ئايدرودرۇمى ئارقىلىق ھاۋا يولى بىلەن پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پورت سۇدان ئايرودۇرۇمىغا قونغان ھەربىي ۋە يولۇچىلار ئايروپىلانلىرى سۇداندىن تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنى خالايدىغان پۇقرالىرىنى دۆلەتلىرىگە توشۇيدۇ.
ئىگىلىنشىىچە، ئاخىرقى قېتىم ھىندونېزىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئايروپىلانى سۇداندىكى ھىندونېزىيە پۇقرالىرىنى ئېلىپ دۆلىتىگە قايتقان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.