سۇنداندىكى توقۇنۇشلاردا 460 كىشى ئۆلدى

سۇدان سەھىيە مىنىستىرلىقى سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا 15-ئاپرېل باشلانغان توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە 460 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1979470
سۇنداندىكى توقۇنۇشلاردا 460 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان سەھىيە مىنىستىرلىقى  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا 15-ئاپرېل  كۈنى باشلانغان 11 ئۆلكىدىكى توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە 460 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 4063 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئۆلۈم، يارىلىنىش ۋە توقۇنۇشلارنىڭ باشقا تەسىرلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن بارلىق ئۆلكىلەردە خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقى، يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە يارىلانغان ۋە قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئازايغانلىقى، دوختۇرخانىلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتى ۋە سەھىيە خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئىقتىدارىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇم ۋە باشقا شەھەرلەردە 15 – ئاپرېل كۈنى تاڭ سەھەردە سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇشلار باشلانغانىدى.

سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى  ئوتتۇرىسىدا «تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ ئارمىيەگە تولۇق داخىل بولۇشى» مەزمۇن قىلىنغان ھەربىي بىخەتەرلىك ئىسلاھاتى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ، يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر