پاكىستان باش مىنىستىرى شەرىف «ھۈرجەت» سەۋەبىدىن ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىغان تۇنجى ئۇچقۇچىلىق سۇپەرسونىك كۈرەشچى ئايروپىلانى — ھۈرجەت سەۋەبىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

1979623
پاكىستان باش مىنىستىرى شەرىف «ھۈرجەت» سەۋەبىدىن ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىغان تۇنجى ئۇچقۇچىلىق سۇپەرسونىك (ئاۋازدىن تېز ئۇچۇش ئىقتىدارىغا ئىگە) كۈرەشچى ئايروپىلانى — ھۈرجەت ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

شەرىف تىۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «يېنىك تىپلىق جەڭ ئايروپىلانى — ھۈرجەتنىڭ تۇنجى ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قېرىندىشىم جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلەيمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا، يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ياسالغان تۇنجى ئۇچقۇچىلىق سۇپەرسونىك كۈرەشچى ئايروپىلان ­— ھۈرجەتنىڭ تۈنۈگۈن تۇنجى ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھەمدۇسانالار بولسۇن. تۈركىيە ئەسىرىگە سوۋغا بولسۇن!» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەنىدى.

ئەردوغان يەنە، تۈركىيە ئالەم قاتنىشى سانائىتى (TUSAŞ) تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ھۇرجەتنىڭ سىختىن چىقىپ، تۇنجى ئۇچۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان پەيتتە تارتىلغان فوتو – سۈرەتلىرىنىمۇ ئورتاقلاشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر