بايدىن ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1977862
بايدىن ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: ««ئىككى رەھبەر پىرېزىدېنت ماكروننىڭ يېقىندا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان زىيارىتى ۋە ئۇنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى گۈللىنىش، بىخەتەرلىك، ئورتاق قىممەت قارىشى ھەم بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىدىغان خەلقئارا تەرتىپنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.»

«تېلېفون سۆھبىتىدە، پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن پىرېزىدېنت ماكرون تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى، شۇنداقلا، ئۇكرائىنانى قەتئىي قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر