جەنۇبىي قىبرىس پ ك ك ئەزاسى بىر تېررورچىنى گېرمانىيەگە شەرتلىك ھالدا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلدى

جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرى گېرمانىيە تەرىپىدىن «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر گۇماندارنى شەرتلىك ھالدا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلدى.

1977446
جەنۇبىي قىبرىس پ ك ك ئەزاسى بىر تېررورچىنى گېرمانىيەگە شەرتلىك ھالدا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي قىبرىس رۇم رايونى تاراتقۇلىرى لارناكا رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ گېرمانىيە چىقارغان «ياۋروپا قولغا ئېلىش بۇيرۇقى»غا ئاساسەن، 15 - مارتتىن بۇيان قاماقتا يېتىۋاتقان پ ك ك ئەزاسى 49 ياشلىق كەنان ئاياسنىڭ شەرتلىك ھالدا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سوت مەھكىمىسى ئاياسنى تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن «تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەسلىك» ۋە گېرمانىيەدىكى سوت نەتىجىسىدە جازاغا ھۆكۈم قىلىنسا ياكى چەكلىمىگە ئۇچرىسا، ئۇنىڭ جەنۇبىي قىبرىستا ئىجرا قىلىنىشى شەرتىنى قويدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى قارار قىلىنغان كەنان ئاياس رەسمىيەتلەردىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە گېرمانىيە دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.

گېرمانىيە تەرىپىدىن «تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان كەنان ئاياس 15 - مارت لارناكا ئايرودۇرۇمىدا جەنۇبىي قىبرىستىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

ئاياس تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن جەنۇبىي قىبرىستا پاناھلىق تىلىگۈچى سۈپىتىدە تۇرۇۋاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر