رۇسىيە ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە كاناداغا ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

رۇسىيە ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە كاناداغا «ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، نارازىلىق ئۇلتىماتومى تاپشۇردى.

1977134
رۇسىيە ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە كاناداغا ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ رۇس ئۆكتىچى سىياسەتچى ۋىلادىمىر كارا-مۇرزانىڭ 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى توغىرىسىدا «قۇترىتىش» خاراكتېرلىك باياناتلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە ئۇ ھەقتە «يالغان» ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئىپادىلىرىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن باياناتتا، شۇڭا ئەنگلىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېبورا بروننېرت، ئامېرىكانىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىننې تراسىي ۋە كانادانىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالىسون لې كلېيېرنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بۇ خىل ھەرىكەتلەر «رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش» دەپ قارالغاچقا، باش ئەلچىلەرگە نارازىلىق ئۇلتىماتومى تاپشۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەنگلىيە پۇقرالىقىمۇ بولغان ئۆكتىچى سىياسەتچى ۋىلادىمىر كارا-مۇرزا دۈشەنبە كۈنى (17-ئاپرېل) رۇسىيەدە «ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش» ۋە «رۇسىيە ئارمىيەسى ھەققىدە يالغان خەۋەر تارقىتىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە 400 مىڭ رۇبلى (تەخمىنەن 5 مىڭ دوللار) جەرىمانە قويۇلغانىدى.

ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى مەزكۇر ھۆكۈمنى ئەيىبلەپ باياناتلارنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر