تۇنىس دائىرىلىرى راشىد ئەلغەننۇشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى
تۇنىس بىخەتەرلىك قىسىملىرى تۇنىس ئەننەھدا ھەرىكىتنىڭ رەھبىرى، تۇنىس پارلامېنتىنىڭ سابىق باشلىقى راشىد ئەلغەننۇشىنى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ نازارەت ئاستىغا ئالدى.
![تۇنىس دائىرىلىرى راشىد ئەلغەننۇشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/25b0/93ab/f78a/5dccf46d68736.jpg?time=1719178599)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەننەھدا ھەرىكىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئەزاسى ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رەفىق ئابدۇسسالام فېيسبۇكتىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ غەننۇشىنى ئۆيىگە باستۇرۇپ نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەننەھدا ھەرىكىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۇنىستىكى ئۆكتىچىلەرنى «ئۆكتىچى سىياسىيونلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش ۋە بېسىم ئىشلىتىش قىلمىشلىرىغا قارشى بىرلىكسەپ ئورنىتىش»قا چاقىردى.
ئەلغەننۇشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا «ناھايىتى خەتەرلىك قەدەم» دەپ باھا بېرىلگەن ۋە قاتتىق ئەيىبلەنگەن باياناتتا، ئەننەھدا رەھبىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىرغىچە ئەلغەننۇشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719178599)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.