ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇلدى

ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى.

1975674
ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىنغان رايونلارنى قايتا تەشكىللەش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، 128 نەپەر ئەسكەر ۋە ئىككى نەپەر مەمۇرنى قوشقاندا، جەمئىي 130 كىشىنىڭ رۇسىيەدىن قۇتۇلدۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

قويۇپ بېرىلگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنىڭ قاندۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە تەرەپتىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى. ئەمما، رۇسىيەنىڭ ياللانما ئەسكەر گۇرۇپپىسى «ۋاگنېر» ئۆزلىرىنىڭ تەخمىنەن 100 گە يېقىن ئۇكرائىنالىق ئەسىرنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر