نىگېرىيەدە قارا گۇرۇھنىڭ ئەزالىرى يېزىلارغا ھۇجۇم قىلدى

نىگېرىيەنىڭ كادۇنا ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1974642
نىگېرىيەدە قارا گۇرۇھنىڭ ئەزالىرى يېزىلارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، 12-ئاپرېل قارا جەمئىيەتنىڭ بىر توپ قوراللىق ئەزالىرى كادۇنا ئىشتاتىغا قاراشلىق رۇجى ۋە ئاتاكجېخ يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا، توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، ئۈچ كىشى يارىلانغان.

نىگېرىيە يېقىنقى كۈنلەردە ئوخشىمىغان جايلاردا قوراللىق قارا گۇرۇھلاردىن باشقا، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام ۋە ئىسۋاپنىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلمەكتە.

كادۇنا ئىشتاتىنىڭ زانگون كاتاف رايونىدا مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا، 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر