رۇسىيە ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق كانادالىقنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، سىياسىي ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 333 كانادا پۇقراسىنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىگە قەدەم بېسىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1974533
رۇسىيە ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق كانادالىقنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە ئەمەلدارلىرى، سىياسىيونلىرى، ژۇرنالىستلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تەنھەرىكەتچىلىرىگە ئۈزلۈكسىز جازا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى خاتىرىتىلىپ ئۆتتى.

بۇ سەۋەبتىن، 333 كانادالىقنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، رۇسىيەگە كىرىشىنىڭ «مەڭگۈلۈك» چەكلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي ئەربابلار، پارلامېنت ئەزالىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىسىملىرى كىرگۈزۈلگەن جازا يۈرگۈزۈلگەنلەر تىزىملىكىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

رۇسىيە بىلەن كانادا پات- پاتلا بىر- بىرىنىڭ پۇقرالىرىغا جازا يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر